添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2015) ت ھ د 112- نۇمۇرلۇق

作者: 依不拉音  2015-11-11 18:52:30


                        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

           تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                           ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                              (2015) ت ھ د 112- نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە

جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەك

مەھكىمىمىز 2015- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە بىلەن جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەك ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجىراسى دېلوسىنى قۇبۇل قىلىپ تەنھا سوتچى ئبرايىم سىيىتقەدەم بۇ دېلۇنى يېپىق سوتلاپ ئاخىرلاشتۇردى، دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە بىلەن جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەك سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتۈرۈلدى.

دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە مەھكىمىمىزگە سونغان ئەرز خىتىدە: مەن 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى يولدۇشۇم سۈيۈن ھەكىمبەك بىلەن ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا تۇرمۇش قۇرغان، تۇرمۇش قۇرۇپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يولدۇشۇم ئىزچىل مىنى ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ تىللاپ ماڭا ياخشى موئامىلە قىلمىدى، ئۆي ۋە بالا بىلەن كارى يوق، ھاراق ئىچسىلا مەن بىلەن جىدەل قىلىدۇ، يولدۇشۇمنىڭ داۋاملىق مىنى ئۇرۇشى، مىجەزىمىزنىڭ كىلىشمەسلىكى ۋە ئىككىمىزنىڭ ياش جەھەتتىكى پەرق سەۋەبىدىن موناسىۋىتمىز بۇزۇلدى، داۋاملىق ئۆي تۇتۇش ئىمكانىيىتىمىز يوق، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مەھكىمەڭلار تەرىپىدىن چىقارغان (2015) 35-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىدا بىزنى داۋاملىق ئۆي تۇتۇشقا ھۆكۈم چىقارغان بولساڭلارمۇ يولدىشىم يەنىلا تۈزەلمەي داۋاملىق ھاراق ئىچىۋىلىپ مىنى ئۇرۇپ خارلىدى، بىزنىڭ داۋاملىق بىرىگە ئۆي تۇتۇش ئىمكانيىتىمىز يوق، ھەمدە بۇتوغرىسىدا ج خ ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ ئىسپاتى بار،  شۇڭا سوت مەھكىمىسى بىزنى نىكاھتىن ئاجراشتۈرۈپ، بالامنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ماڭا بۇيرۇپ بەرسە دەپ ئەرز سوندى.

جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەك ئەرزگە جاۋاب خىتىدە: مەن 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى ئايالىم دىلنۇر جۈمە بىلەن توي قىلغان، توي قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە موناسىۋىتىمىز ياخشى، 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆيدىكى كىچىك ئىشلار سەۋەبدىن ئىككىمىز جىدەللىشىپ ئايالىم ئۆيدىن يامانلاپ كەتتى، ئايالىمنىڭ نىكاھدىن ئاجىرىشىشقا ئىنىق سەۋەبى يوق، مىنىڭ خاتالىقىم يوق، ئايالىمنىڭ بالامنىڭ بىقىش ھوقۇقىنى تالىشىش سالاھيىتى يوق، مەن ئايالىمنىڭ نىكاھدىن ئاجىرىشىش تەلىۋىگە قوشۇلمايمەن دەپ ئەرزگە جاۋاب قايتۇردى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە بىلەن جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەك 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا توي قىلغان، ھەم مەخسەتبىك ئىسىملىك بىر ئوغول پەرزەنتلىك بولغان ( بالا ھازىر 2 ياش 4ئايلىق)، تەرەپلەر توي قىلىپ بىر يىلغا يېقىن موناسىۋىتى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەر تەرەپنىڭ ھاراق ئىچكەن چاغلاردا ئايالى بىلەن ئورۇنسىز جىدەل قىلىپ ئايالىنى ئۇرىشى، ئايالى ۋە بالىسى بىلەن كارى بولماسلىقى سەۋەبىدىن موناسىۋىتى بۇزۇلۇپ ئايال تەرەپ ئۆيدىن يامانلاپ كەتكەنلىكى، تەرەپلەرنىڭ ئايرىلىپ تۇرغىنىغا يەتتە ئاي بولغانلىقى، تەرەپلەر بۇندىن بۇرۇن تاشقورغان ناھيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھ دەۋاسى قىلغانلىقى، مەھكىمىمىز (2015) 35- نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى ئارقىلىق تەرەپلەرنى داۋاملىق ئۆي تۇتۇشقا ھۆكۈم چىقارغانلىقى سوت تەكشۈرۈشىدە ئېنىقلاندى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. دەۋاگەرنىڭ كىملىك ئىسپاتى: بۇ دەۋاگەرنىڭ 1976- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە نىكاھلىنىش يىشىغا توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. جاۋابكارنىڭ كىملىك ئىسپاتى: بۇ جاۋابكارنىڭ 1985- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە نىكاھلىنىش يىشىغا توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. ئىككى تەرەپنىڭ توي خىتى: بۇ تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق توي خىتى ئېلىپ تۇرمۇش قۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

4. پەرزەنتىنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى: بۇ تەرەپلەرنىڭ مەخسەتبىك ئىسىملىك بىر ئوغول پەرزەنتىنىڭ بارلىقىنى، 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

5. تاشقورغان ناھيىلىك خەلق دۇختۇرخانىسىنىڭ ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش قەغىزى: بۇ دەۋاگەرنىڭ ھازىر ھامىلدار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

6. تاشقورغان ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ئىسپاتى: بۇ دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئۇرۇشۇپ جىدەل-ماجىرا چىقارغاندىن كىيىن دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارىدى: تەرەپلەر 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلىقى، بىر –بىرىنى چۈشىنىش ۋە بىر – بىرىنىڭ مىجەزىنى قۇبۇل قىلىش يىتەرلىك بولمىغانلىقى، بىر-بىرىنى تولۇق چۈشەنمەي ئالدىراپ توي قىلغانلىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەرەپلەرنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلغانلىقى، ھەمدە بۇتوغرۇلۇق نىكاھ دەۋاسى قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۆپ قىتىم بارغانلىقى، مەھكىمىمىزمۇ تەرەپلەرگە ئۆي تۇتۇش توغرىسىدا كۆپ تەربىيە قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغانلىقى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مەخسەتبىك ئىسىملىك ئىككى ياش 4ئايلىق ئوغول پەرزەنتى بارلىقى، تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق بىرىگە ئۆتۈش ئىمكانيىتى يوقلىقى كۆزدە تۇتۇپ تەرەپلەرنى نىكاھدىن ئاجىرىشىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› نىڭ 99- ماددىسى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى ›› نىڭ 32-36-37-38-39- ماددىلىرىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى.

1.  دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە بىلەن جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەكنى نىكاھدىن ئاجىرىشىشقا بۇيرۇلدى.

2. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەخسەتبىك ئىسىملىك ئىككى ياش 3ئايلىق پەرزەنتنى ئانىسى دىلنۇر جۈمە 18ياشقا كىرگىچە بىقىپ تەربىيىلەشكە، بىقىپ تەربىيىلەش راسخۇتىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇلدى. (دادىسىنىڭ بالىسىنى كۆرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ)

3. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مال-مۈلۈك جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك تەڭ تەخسىملەپ بىرىشكە بۇيرۇلدى.

4. ئايال تەرەپنىڭ دادىسى توي ۋاقتىدا قىلىپ بەرگەن نەرسە كىرەكلىرى ئۆزىگە تەئەللۇق بولۇشقا بۇيريلدى.

5. مەزكۇر دېلونىڭ دەۋا ھەققى 50يۈەننى جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەك ئۈستىگە ئىلىپ تۆلەشكە بۇيرۇلدى.

ئەگەر تەرەپلەر مەزكۈر ھۆكۈمنامىگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ. نارازلىق ئەرزى بەرگەندە نارازلىق ئەرزىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىدىن 1پارچە، كۆپەيتىلمە نۇسقىسىدىن 3پارچە تاپشۇرۇشى كىرەك.

                             سوتچى ئىبرايىم سىيىتقەدەم

                                 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى

                            پۈتۈكچى مەبۇپشاھ باباخان

دەۋاگەر دىلنۇر جۈمەنىڭ توي ۋاقتىدا دادىسى قىلىپ بەرگەن

نەرسە – كىرەكلىرى

رەت نومۇرى ئىسمى سانى

1 يوتقان 5دانە

2 كۆرپە 7دانە

3 ياستۇق 8دانە

4 گىلەم 1دانە

5 كىيىم ئىشكاۋى 1دانە

6 شىرداق(تىكمە) 1دانە

7 زەردىۋال 1دانە

دەۋاگەر دىلنۇر جۈمە بىلەن جاۋابكار سۈيۈن ھەكىمبەكنىڭ ئورتاق مال-مۈلۈك تەخسىملەش جەدىۋىلى

سۈيۈن ھەكىمبەك دىلنۇر جۈمە سانى مال-مۈلۈك ئىسمى رەت نومۇرى

1 1 تىلۋىزۇر 1

1 1 توڭلاتقۇ 2

1 1 كىرئالغۇ 3

1 1 مۇنچا 4

1 1 گىلەم 5

责任编辑:阿布都艾尼    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2022 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 4494448 位访客