添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 刑事文书

(2015) ت ج د 06- نومۇرلۇق

作者:买布甫沙·巴巴汗  2015-12-08 12:54:24


                              شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

               تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                              جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                             (2015) ت ج د 06- نومۇرلۇق                          

ئەيىپلىگۈچى ئورگان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋابكار ئابدۇشۈكۇر ئىسمايىل،جاۋابكار ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، 2014- يىلى12- ئاينىڭ29- كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، تاشقورغان ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان، 2015-يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى تاشقورغان ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئىلىنغان. ھازىر تاشقورغان ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاماقخانىسىدا قاماقلىق.

ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات تۆمۈر رەھىم، شىنجاڭ قىران دەريا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى

جاۋابكار دىياز گۈرگىك،جاۋابكار ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، 2015-يىلى4-ئاينىڭ7-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، تاشقورغان ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، 2015- يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 2015-يىلى 5- ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

قانۇن ياردىمى ئارقىلىق بەلگىلەپ بىرىلگەن ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات ئەنۋەرجان تۇرغۇن، شىنجاڭ دېشىن ئادۋۇكاتلق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

تاشقورغان ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2015)03-نومۇرلۇق ئەيپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل، دىياز گۈرگىكلارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 2015- يىلى5- ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز بۇ دېلونى2015- يىلى 5- ئاينىڭ 25-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن تەرتىپ بويىچە 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى  ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ رەسمى ئوچوق سوت قىلدى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش سانىيە مەمىتىلى، ئەركىن پامىرلار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى تۆمۈر رەھىم ،جاۋابكار دىياز گۈرگىكلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ياردىمى ئارقىلىق بەلگىلەپ بىرىلگەن ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات ئەنۋەرجان تۇرغۇن سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدا جاۋابكار ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىل 2012- يىلدىن 2013- يىلىنىڭ ئاخرىغىچە ئارزىگۇل سەمىندىنC1 شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىىپ بىرىش ئۈچۈن 10مىڭ يۈەن ئالغان، دىياز گۈرگىك ئاچىسى ئارزىگۇل سەمىندىن ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىلىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئالاقىلىش تىلىفۇنىنى سوراپ، ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىل بىلەن تىلىفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپC1 شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىمەكچى بولۇپ ئىلىگىرى كىيىن ئىككى قېتىم (20مىڭ يۈەن ، 40مىڭ يۈەن ) يۈز تۇرانە كۈرۈشۈپ ئۆزى بولۇپ ئالتە ئادەمىنىڭ 60مىڭ يۈەنىنى جاۋابكار ئابدۈشكۈر ئىسمايىلىغا بىرىپ ھۆججەت ئالغان، كىيىنC1 شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرش ئۈچۈن 54250 يۈەنىنى ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىلىنىڭ يىزا ئىگىلىك بانىكىسىنىڭ6228483670655467816  نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن. ئۇنڭىدىن باشقا ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىل ئىلىگىرى كىيىن بولۇپ ھېسامدىن، دۆلەتقەدەم، تەربىيەجان، ئامانبىك مارىك قاتارلىق 4ئادەمدىن B1,C1 شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىىپ بىرىش ئۈچۈن 60مىڭ يۈەن ئالغان، ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىل باشقىلارغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرش باھانىسى بىلەن باشقىلاردىن 184250يۈەنىنى ئالداپ ئېلىپ بۇنىڭدىن  45مىڭ   يۈەنىنى قايتۇرغان ، 139250 يۈەننى تىجارەتكە ئىشلەتكەن.

جاۋابكار دىيازگۈرگىك جاۋابكار ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىلنىڭ شۇپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىش سالاھيىتىنىڭ يۇقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلىگىرى كىيىن بولۇپ 7 ئادەمىدىن 77مىڭ يۈەننى ئالغان، 4ئادەمگە ئۆزى شوپۇرلۇق پىراۋىسسى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ ھۆججەت يىزىپ بىرىپ 54مىڭ يۈەنىنى ئېلىپ بۇنىڭىدىن 114250يۈەنىنى جاۋابكار ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىلغا  بىرىپ، 16750يۈەنىنى ئۆزى ئىشلەتكەن.

جاۋابكار ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىل  قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقستىدە باشقىلارنىڭ 184250يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، مىقتىدارى ناھايىتى كۆپ، دىياز گۈرگىك قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقستىدە باشقىلارنىڭ61750 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، مىقتىدارى ناھايىتى كۆپ، قىلمىشىدىن  « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 266- ماددسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايتى شەكىللىندۇ، دەپ شىكايەت قىلىپ مەھكىمىمىزنى جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،  زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن  تەمىنلەپ ۋە سوتتا كۆرسىتىپ، جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل، دىياز گۇرگىكلارغا قانۇن بويىچە جازا بىرىشنى تەلەپ قىلغان. جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسىدە جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلغا قانۇن بويىچە ئىككى يىل بەش ئايدىن يۇقىرى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش، جاۋابكار دىياز گۇرگىكغا قانۇن بويىچە بىر يىل ئون ئايدىن يۇقىرى ئىككى يىل ئالتە ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.

جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل، جىنايىتىمنى تونۇدۇم، تۆۋە قىلدىم، زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى تولۇق قايتۇرىمەن، بۇنىڭدىن كىيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلمەيمەن، سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى تۆمۈر رەھىم، دىياز گۇرگىك، ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلاردىن شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ پۇل ئالغان ۋە ئۆزى ئابدۇشۇكۇرنى ئىزدەپ بىرىپ پۇل بەرگەن، بۇ جازا ئۆلچەشتە پەرىقلەندۇرۈلسە، ئەيىپلەشنامىدا بىكىتىلگەن ئومومىي زىيان 184250 يۈەن، 45000 يۈەننى قايتۇرغان دىيىلگەن، بۇمەسىلىدە  ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنڭ ئالدامچىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى قايتۇرغان پۇلنى ئالداپ ئالغان سوممىغا قوشۇپ ھىساپلاشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئالدامچىلىق سوممىسىنى 139250 يۈەن قىلىپ بىكىتىلسە، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار بارلىق جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇش ۋە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا جاۋابكارغا مۇۋاپىق جازا بەرسە دەپ ئاقلاش پىكىرىنى ئوتىرىغا قويدى.

جاۋابكار دىياز گۇرگىك، قانۇن سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكدىن يۇقارقى جىنايەتنى سادىر قىلدىم، جىنايىتىمنى تونۇدۇم، تۆۋە قىلدىم، بۇنىڭدىن كىيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلمەيمەن، سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

قانۇن ياردىمى ئارقىلىق بەلگىلەپ بىرىلگەن ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات ئەنۋەرجان تۇرغۇن، جاۋابكار دىياز گۇرگىكنىڭ ئالدامچىلىق سوممىسى ئارتۇق بولۇپ قالغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، ئۆزىمۇ بىر زىيانلانغۇچى، جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئسمايىلنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن قاتارلىق تەرەپلەرنى ئويلىشىپ جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بىرىلسە دەپ ئاقلىدى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئابدۈشۈكۈر ئىسمايىل باشقىلارغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرىش ئۈچۈن ئۆزى ۋە جاۋابكار دىياز گۇرگىك ئارقىلىق باشقلاردىن  جەمئى 184250يۈەن خەلق پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغانلىقى، دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى 45000 يۈەننى قايتۇرغانلىقى، قالغان 139250 يۈەننى تىجارەتكە ئىشلىتىپ زىيانلانغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكى، جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى زىيانلانغۇچىلارغا بەرگەن پۇلنى تاشقورغان ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئومومىي ئالدامچىلىق سوممىدىن چىقىرۋەتمەي مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەنلىكى، دېلونى سوت قىلىش جەريانىدا جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلنىڭ ئۆيدىكىلىرى 60000 يۈەن زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرغانلىقى، 79250 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى، جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل قىلمىشىغا ئىقىرار ئىكەنلىكى، جاۋابكار دىياز گۇرگىك باشقىلارغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرش ئۈچۈن باشقىلاردىن 61750 يۈەن خەلق پۇلىنى ئالداپ ئالغانلىقى، بۇنىڭدىن جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئسمايىلغا 45000يۈەننى بىرىپ، قالغان 16750 يۈەننى ئۆزى ئىشلەتكەنلىكى، تەھقىقىلەش باسقۇچىدا زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكى سوت تەكشۈرۈشتە ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى  دەلىل- ئىسپاتلار:

1. يازما ئىسپات.

1) ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پامىر يولى ساقچىخانىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇنىڭدا جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلنىڭ  1977- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغانلىقى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىسپات جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش يېشىغا يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) تاشقورغان ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تاشقورغان چىگىرا مۇداپىيە ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇنىڭدا جاۋابكار دىياز گۇرگىكنىڭ  1990- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى تۇغۇلغانلىقى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىسپات جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش يېشىغا يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل، جاۋابكار دىياز گۇرگىكلارنىڭ زىيانلانغۇچىلارغا يىزىپ بەرگەن پۇل ئالغانلىق توغرىسىدىكى ھۆججىتى. بۇ جاۋابكارلارنىڭ ئىلگىرى-كىيىن كۆپ قىتىم باشقلاردىن شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرىش مەقسىتىدە پۇل ئالداپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى.

1) ج خ ، تەپتىش خادىملىرىنىڭ زىيانلانغۇچىلار بىلەن ئېلىپ بىرىلغان سۇئال سوراش خاتىرىسىى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى دېلو پاكىتىغا ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل، جاۋابكار دىياز گۇرگىكلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلغان پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.

3.  جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى.

جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل، جاۋابكار دىياز گۇرگىكلارنىڭ ئىقرارى ئۆزىنىڭ  باشقىلارغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغانلىق پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.

4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى

تاشقورغان ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ۋە خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جوڭگۇ يىزا ئىگىلىك بانكىسى تاشقورغان تارماق بانكىسىدىن تەكشۈرگەن پۇل ئۇرغانلىق تەپسىلاتى. بۇ جاۋابكار دىياز گۇرگىك ۋە باشقا زىيانلانغۇچىلارنىڭ جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايلنىڭ يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرىش ئۈچۈن پۇل ئۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلار بىر- بىرلەپ بەتلەشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئۆتۈلدى، شۇڭا بۇ دەلىل- ئىسپاتلار دېلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىندى

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنى ئالداپ  كۆپ قىتىم، كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئىلىۋالغان، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. تاشقورغان ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ھەم تولۇق بولۇپ ئەيىپلىگەن جىنايەت شەكىللىنىدۇ، قوللاش كېرەك. جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلنىڭ جىنايىتىمنى تونۇدۇم، تۆۋە قىلدىم، بۇنىڭدىن كىيىن قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دىگەن ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرىنى قوللاشقا بولدۇ، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى تۆمۈر رەھىم ئاقلاش سۆزىدە ئوتىرىغا قويغان «ئەيىپلەشنامىدا بىكىتىلگەن ئومومىي زىيان 184250 يۈەن، 45000 يۈەننى قايتۇرغان دىيىلگەن، شۇڭا دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى قايتۇرغان پۇلنى ئالداپ ئالغان سوممىغا قوشۇپ ھىساپلاشقا بولمايدۇ، ئالدامچىلىق سوممىسىنى 139250 يۈەن قىلىپ بىكىتىلسە، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار بارلىق جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان،  جىنايىتىنى تونۇش ۋە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا جاۋابكارغا مۇۋاپىق جازا بەرسە» دىگەن ئاقلاش پىكىرىنىڭ قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولدۇ.

جاۋابكار دىياز گۇرگىك دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنى ئالداپ كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئىلىۋالغان، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. تاشقورغان ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جاۋابكار دىياز گۇرگىكنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ھەم تولۇق بولۇپ ئەيىپلىگەن جىنايەت شەكىللىنىدۇ، قوللاش كېرەك. جاۋابكار دىياز گۇرگىكنىڭ جىنايىتىمنى تونۇدۇم، تۆۋە قىلدىم، بۇنىڭدىن كىيىن قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دىگەن ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرىنى قوللاشقا بولدۇ. قانۇن ياردىمى ئارقىلىق بەلگىلەپ بىرىلگەن ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات ئەنۋەرجان تۇرغۇن، «جاۋابكار دىياز گۇرگىك زىيان تولۇق قايتۇرغان، سوتتا جىنايىتىنى تونۇش ۋە تاپشۇرۇش پۇزۇتسىيىسى ياخشى، جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بىرىلسە» دىگەن ئاقلاش پىكىرىنى قوللاشقا بولدۇ.

جاۋابكارلارغا جازا ئۆلچەشتە، جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى قىسمەن قايتۇرغانلىقى، سوتتا جىنايىتىنى تونۇش ۋە تاپشۇرۇش پۇزۇتسىيىسىنىڭ ياخشىلىقى، جاۋابكار دىياز گۇرگىكنىڭ  زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنىنىڭ تولۇق قايتۇرغانلىقى، سوتتا جىنايىتىنى تونۇش ۋە تاپشۇرۇش پۇزۇتسىيىسىنىڭ ياخشىلىقى، قاتارلىق تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 72- 266-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم چىقىرىلدى.

1- جاۋابكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىلنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۈچ يىل بەش ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 5000 (بەش مىڭ) يۈەن ئىشتىراپ قويۇش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. جازا مۇددىتى ھۆكۈمنامىدە بېكىتلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.( يەنى 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى باشلىنىپ 2018-يىلى5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جاۋابكار ئىشتىراپ پۇلنى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتۇرسۇن).

2- جاۋابكار دىياز گۇرگىكنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، ئۈچ يىل كېچىكتۈرۇپ ئىجىرا قىلىش جازاسى، قوشۇمچە 3000 (ئۈچ مىڭ) يۈەن ئىشتىراپ قويۇش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈمنامىدە بېكىتلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.( يەنى سىناش مۇددىتى 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 17-كۈنى باشلىنىپ 2018-يىلى6-ئاينىڭ16-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جاۋابكار ئىشتىراپ پۇلنى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتۇرسۇن).

3- جاۋاپكار ئابدۇشۇكۇر ئىسمايىل ئالداپ ئىلىۋىلىپ زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئەسلىگە كەلمىگەن زىيان 79250 يۈەننى مەزكۇر ھۆكۈمنامە كۈچگە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق زىيانلانغۇچىلارغا قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

ئەگەر مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق (ئىتىراز) ئەرز بەرسە بولىدۇ، نارازىلىق (ئىتىراز) ئەرىز بەرگەندە نارازلىق ئەرىز (ئىتىراز) نىڭ ئەسلى نۇسقىسى ۋە  كۆپەيتىلمىسىدىن ئىككى نۇسخا  تاپشۇرۇشى كېرەك.

                         باش سوتچى  مەبۇپشاھ باباخان                          

                             سوتچى مىرزايىك ئۆمەرجان                        

                            خەلق زاسداتىل سەفراز سائادەتقەدەم                          

                                2015- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى

                                 پۈتۈكچى   شىرۋارى شىكەربەيىگ

مەزكۇر دېلوغا تەدبىقلانغان قانۇن ماددىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈىشى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 72- ماددىسىدا: تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جىنايەت ئەھۋالىغا ۋە توۋا قىلىش ئىپادىسىگە قاراپ، جازاسى كېچىكتۈرۈلسە، جەمىيەتكە ھەقىقىتەن قايتا خەۋىپ يەتكۈمەيدىغانلىرىغا جازانى كېچىكتۈرۈش جاكارلانسا بولىدۇ.

جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەرگە قوشۇمچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا. قوشۇمچە جازا ئىجىرا قىلىنىۋىرىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266- ماددىسىدا: جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئالداپ ئىلۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپىرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رىجىم جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يوقۇرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يوقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىندۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولدۇ.

دېلو بىجىرگۈچى سودىيە: مەبۇپشاھ باباخان

责任编辑:阿布都艾尼    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2022 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 4494571 位访客