添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2015) ت ھ د 116- نومۇرلۇق

作者:ئابدۇغېنى مىجىت  2015-12-30 17:28:41


                           شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

           تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                             ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                                 (2015) ت ھ د 116- نومۇرلۇق

دەۋاگەر تۇx ، ئايال، ئۇيغۇر، 1975- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى تۇغۇلغان ، كەسپى تىجارەتچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.

دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى، شىنجاڭ جەۋلان ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى. (تولۇق ھوقوقلۇق).

جاۋابكار مىx، ئايال، قىرغىز، 1980- يىلى2- ئاينىڭ 24- كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى تاشقورغان ناھىيە خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ئالى تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر تۇx جاۋابكار مىx ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ئەل ئارا قەرز ماجراسى دېلوسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن مۇۋەققەت سوتچى ئابدۇغېنى مىجىت ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ بۇ دېلونى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. دەۋاگەر تۇxنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى، جاۋابكار مىxلار سوتقا كىلىپ قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر تۇx مەھكىمىمىزگە جاۋابكار مىx 2011- يىلى مىنىڭ كىيىم كىچەك دۇككىنىمدىن بىر قانچە قېتىم نىسىگە كىيىم ئېلىپ، پۇلنى بەرمەي 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى 16690 يۈەنگە ھۆججەت يېزىپ بەرگەن ئىدى. مەن ئاچقان دۇككاندىكى كىيىم كىچەكلەر ئاچام ئايىگۇلنىڭ بولغاچقا بۇ پۇلغا ئۆز ۋاقتىدا ئەرز قىلغان ئىدۇق، لىكىن بۇ ھۆججەت مىنىڭ نامىمغا يېزىپ بىرىلگەچكە مەھكىمەڭلارنىڭ 2013-يىللىق 61- نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىدە بۇ پۇلغا ئايرىم دەۋا قىلىشىم بىكىتلگەچكە بۇ ئەرزنى يازدىم، قانۇن بويىچە دەۋا تەلىپمنى ئورۇنداپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئەرز سۇندى.

دەۋاگەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا تۆۋەندىكىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى

1. كىملىك ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: دەۋاگەرنىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقوق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. قەرز ھۆججىتى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكار مىx 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۆز قولى بىلەن دەۋاگەر تۇxغا يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججىتى بولۇپ، بۇ جاۋابكار مىxنىڭ دەۋاگەرگە 16690 يۈەن قەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىككى دەلىل ئىسپات سوتتا يۈزلەشتۈرۈلدى، جاۋابكار مىرىگۇل ھاجى ئىتراپ قىلدى، دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچى سوتتا بىكىتىلدى.

جاۋابكار مىx مەن دەۋاگەر تۇxغا بۇ پۇلنى ئەينى ۋاقىتتىلا بىرىپ بولغان، بۇنىڭغا قارىتا مىنىڭ دەۋاگەر تۇxنىڭ كارتىسىغا پۇل ئۇرغانلىق ئىسپاتىم بار، دەۋاگەرنىڭ پۇلنى قايتۇرسۇن دىگەن تەلىپىنىڭ ئاساسى يوق دەپ ئەرزگە جاۋاب قايتۇردى.

جاۋابكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا تۆۋەندىكىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى

1. كىملىك ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكارنىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقوق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. 6 پارچە پۇل سالغانلىق تالۇن. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ يېزا ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بانكا كارتىسىغا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 17450يۈەن پۇل سالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىككى دەلىل ئىسپات سوتتا يۈزلەشتۈرۈلدى، دەۋاگەرنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى 1- دەلىل ئىسپاتنى ئىتراپ قىلدى، دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچى سوتتا بىكىتىلدى، 2- دەلىل ئىسپاتنى ئىتراپ قىلمىدى.

مەھكىمىمىزنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار مىx ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ دەۋاگەر تۇxدىن نىسىگە مال سېتىۋالغان بولۇپ، 2011-يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى 16690 يۈەنگە قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەنلىكى، جاۋابكار مىx 2011-يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 6 قېتىمدا دەۋاگەر تۇx تەمىنلەپ بەرگەن تۇxنىڭ نامىدىكى يېزا ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بانكا كارتىسىغا 17450يۈەن پۇل سالغانلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى، سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلار ۋە سوت خاتىرىسىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار مىx بىرنەچچە قېتىم دەۋاگەر تۇxدىن كىيىم كىچەك سېتىۋېلىپ 2011-يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى دەۋاگەر تۇxغا 16690 يۈەنگە قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن، بۇ قەرز ھۆججىتى قانۇنلۇق بولۇپ، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ قانۇنلۇق ھەقدارلىق قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جاۋابكار مىx سوتتا 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈندىن باشلاپ 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە دەۋاگەر ئۆزى تەمىنلەپ بەرگەن يېزا ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بانكا كارتىسىغا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 17450 يۈەن سېلىش ئارقىلىق بۇ 16690 يۈەننى قايتۇرۇپ بولغان دىگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم 6 پارچە يېزا ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن پۇل ئۇرغانلىق تالۇننى سوتتا كۆرسەتتى، دەۋاگەر گەرچە بۇ تالۇنلارنى سوتتا ئىتراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لىكىن سوتتا جاۋابكار بىلەن بولغان باشقا قەرزدارلىق ھەقدارلىق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىدى، جاۋابكار پۇل سالغان كارتا ھەقىقەتەن دەۋاگەرنىڭ ئۆزىنىڭ كارتىسى ئىكەنلىكىنى دەۋاگەر سوتتا ئىتراپ قىلدى، دەۋاگەر جاۋابكارنىڭ پۇل قايتۇرۇپ بولغانلىق توغرىسىدىكى دەلىل ئىسپاتقا قارىتا رەددىيە بەرگىدەك ياكى ئاغدۇرىۋىتەلىگىدەك باشقا دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىدى، جاۋابكار مىx دەۋاگەر تۇxغا بىرىشكە تىگىشلىك بولغان 16690يۈەننى دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بولغان بولۇپ ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ھەقدارلىق قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسى يىتەرلىك ئەمەس، رەت قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى»نىڭ 5- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ 64- ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەلىل ئىسپاتلىرىغا ئائىت بىرقانچە بەلگىلىمىسى» نىڭ 2- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى:

1. دەۋاگەر تۇxنىڭ دەۋا تەلىپى رەت قىلىندى.

2. مەزكۇر دېلونىڭ دەۋا ھەققى 108.62يۈەن بولۇپ بۇنى دەۋاگەر ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ. نارازىلىق ئەرزى بەرگەندە نارازىلىق ئەرزنىڭ ئەسلى ۋە قوشۇمچىسىدىن 3 نۇسخا تاپشۇرۇشى كىرەك.

                                 مۇۋەققەت سوتچى ئابدۇغېنى مىجىت

  

                                 2015 - يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى

    

                                    پۈتۈكچى شىرۋارى شەكەربەيىگ

                        سودىيەنىڭ قانۇن ماددا چۈشەندۈرىشى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى»نىڭ 5- ماددىسى: پۇخرالار ۋە قانۇنى ئىگىلەرنىڭ قانۇنى ھەق تەلەپ ھوقوق مەنپەئەتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ دەخلى تەرۈز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ 64- ماددىسى:

دەۋالاشقۇچىلاردا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈستىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولىدۇ.

«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەلىل ئىسپاتلىرىغا ئائىت بىرقانچە بەلگىلىمىسى» نىڭ 2- ماددىسى: دەۋالاشقۇچىلار ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان دەۋا تەلىپىنىڭ پاكىت ئاساسلىرىغا قارىتا ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پاكىت ئاساسلىرىغا قارىتا رەت قىلغۇدەك دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تەمنلەش مەسئۇلىيىتى بار.

دەلىل ئىسپاتى يوق ياكى دەلىل ئىسپاتى ئۈزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلىيالمايدىغان ئەھۋالدا، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇليىتى بار دەۋالاشقۇچى پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

责任编辑:ئابدۇغېنى مىجىت    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2022 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 4494456 位访客