(2016) ش 3131 ھ د 27 -نومۇرلۇق 作者:ئابدۇغېنى 2016-02-16 12:36:18
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك ىەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ كىسىمنامىسى (2016) ش 3131 ھ د 27 -نومۇرلۇق دەۋاگەر مىX، ئەر، تاجىك، 1962- يىلى10-ئاينىڭ 18- كۈنى تۇغۇلغان، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تاشقورغان ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق. جاۋابكارتاشقورغان ناھىيە پامىر تىرانسىپورىت چەكلىك شىركىتى، ئادىرىسى تاشقورغان ناھىيە جۇڭگۇ پاكىستان دوسلۇق يولى 1- كۇرپۇس 20- نۇمۇر. قانۇنى ۋەكىلى ئابلىز قۇربان، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى. ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى، شىنجاڭ جەۋلان ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى. مەھكىمىمىز دەۋاگەر مىX بىلەن جاۋابكار تاشقورغان ناھىيە پامىر تىرانسىپورىت چەكلىك شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇققا چېقىلىش ماجىراىسى دېلوسنى سوت قىلىش جەريانىدا، دەۋاگەر مىX سوت سىرتىدا جاۋابكار بىلەن كىلىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن 2016-يىلى 2–ئاينىڭ 5–كۈنى مەھكىممىزگە ئەرزدىن ۋاز كىچىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى. مەھكىممىز دەۋاگەر مىX نىڭ دەۋادىن ۋاز كىچىش ئىلتىماسى قانۇن بەلگلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ 145-ماددسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلدى. دەۋاگەر مىX نىڭ ئەرزدىن ۋاز كىچىشىگە يول قويۇلدى. مەزكۇر دېلونىڭ كېمەيتىلگەندىن كىيىنكى دەۋا ھەققى 25يۈەن بولۇپ، بۇنى دەۋاگەر مىX ئۈستىگە ئالىدۇ. سوتچى ئابدۇغېنى مىجىت 2016-يىلى 2–ئاينىڭ 5– كۈنى پۈتۈكچى شىرۋارى شەكەربەيىك 责任编辑:ئابدۇغېنى 文章出处:塔什库尔干县人民法院 |