(2016) ش 3131 ھ د 53 -نومۇرلۇق 作者:ئىبرايىم سىيىتقەدەم 2016-03-24 16:57:25
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ كىسىمنامىسى (2016) ش 3131 ھ د 53 -نومۇرلۇق دەۋاگەر سx، ئەر، تاجىك، 1977- يىلى9-ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تاشقورغان ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق. جاۋابكار تاشقورغان ناھىيە پامىر تىرانسىپورت چەكلىك شىركىتى، ئادرىسى تاشقورغان ناھىيە جۇڭگۇ پاكىستان دوسلۇق يولى 1- كۇرپۇس 20- نۇمۇر. قانۇنى ۋەكىلى ئابلىز قۇربان، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى. ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى، شىنجاڭ جەۋلان ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى. مەھكىمىمىز دەۋاگەر سx بىلەن جاۋابكار تاشقورغان ناھىيە پامىر تىرانسىپورت چەكلىك شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇققا چېقىلىش ماجىراىسى دېلوسنى سوت قىلىش جەريانىدا، دەۋاگەر سx سوت سىرتىدا جاۋابكار بىلەن كىلىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن 2016-يىلى 3–ئاينىڭ 10–كۈنى مەھكىممىزگە ئەرزدىن ۋاز كىچىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى. مەھكىممىز دەۋاگەر سxنىڭ دەۋادىن ۋاز كىچىش ئىلتىماسى قانۇن بەلگۈلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ 145-ماددسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلدى. دەۋاگەر سxنىڭ ئەرزدىن ۋاز كىچىشىگە يول قويۇلدى. مەزكۇر دېلونىڭ كېمەيتىلگەندىن كىيىنكى دەۋا ھەققى 437.5يۈەن بولۇپ، بۇنى دەۋاگەر سx ئۈستىگە ئالىدۇ. سوتچى ئىبراھىم سىيىتقەدەم 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى پۈتۈكچى مىرزايىك ئۆمەرجان 责任编辑:ئابدۇغېنى 文章出处:塔什库尔干县人民法院 |