添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3131 ھ د 114- نومۇرلۇق

作者:夏迪曼  2016-06-28 17:56:05


                          شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

              تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                               ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                          (2016) ش 3131 ھ د 114- نومۇرلۇق

دەۋاگەر گx ، ئايال، تاجىك، 1957- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تۇغۇلغان، شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيسىدە ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، ساۋاتسىز.

جاۋابكار دx ، ئەر، تاجىك، 1989- يىلى11- ئاينىڭ 8- كۈنى تۇغۇلغان، شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.

مەھكىمىمىز دx باتۇر جاۋابكار دx ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ۋارىسلىق ماجراسى دېلوسىنى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 19-كۈنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، تەنھا سوتچى شادىمان ئاخۇنباي ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ بۇ دېلونى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. دەۋاگەر گx، جاۋابكار دx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر گx مەھكىمىمىزگە مەن 1970- يىلى ئىسلامجان ئارمان بىلەن قانۇنلۇق توي قىلدىم، تۈرلۇق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىك بولالماي، يولدىشىمنىڭ ئىنىسى جۈمەجان ئارماننىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى دx ئۆز ئاتا ئانىسنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 1995- يىلى قانۇنلۇق بېقىۋالدۇق، بۇ بالا بىزنىڭ تەربىيمىزدا 24 يىل تۇردى، بۇ بالىغا بىز نۇرغۇن قان تەرىمىزنى سىڭدۇردۇق، مەكتەپتە ئوقۇتتۇق، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدۇق.2013- يىلى 11- ئايدا يولدىشىم ۋاپات بولغاندىن كىيىن، دx خالىسا ئۆيگە كىلىدىغان، خالىمىسا كەلمەيدىغان بولىۋالدى، مىنىڭ ھالىمدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئالمىدى ھەمدە مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى كەنىت كومتېتىغا ئىنكاس قىلدىم، كەنىت كومتىتىدىكىلەر دxگە تەربىيە قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىدى، جاۋابكار دx ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ مال مۈلىكىنى ئايرىغاندىن كىيىن، يولدىشىمنىڭ مىراسىنى قانۇن بويىچە بۆلۈپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئەرز سۇندى.

دەۋاگەر گx ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا تۆۋەندىكىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى:

1. كىملىك سالاھىيەت ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: دەۋاگەرگx نىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقوق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. تىزناپ يېزىلىق خەلق ھوكۆمىتىنىڭ تەمىنلىگەن ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: ۋاپات بولغۇچى ئىسلامجان ئارمان بىلەن دەۋاگەر گxنىڭ قانۇنلۇق ئەر ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. ئىسلامجان ئارماننىڭ ئۆلگەنلىك ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: ئىسلامجان ئارماننىڭ 2013- يىلى 11- ئايدا ۋاپات بولغانلىقىنى، قانۇنلۇق مال مۈلىكىگە قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

4. مال مۈلۈك تىزىملىكى. ئىسپاتلاش نىشانى: ۋاپات بولغۇچى ئىسلامجان ئارمان بىلەن دەۋاگەر گxنىڭ قانۇنلۇق مال مۈلۈكلىرىنىڭ سانى ۋە تۈرىنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، تىزناپ يېزىلىق خەلق مۇرەسسە خادىملىرى مال مۈلۈك ئېنىقلاشقا قاتناشقان ھەمدە دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ بارماق باسقان.

يۇقارقى 4 تۈرك دەلىل ئىسپات سوتتا يۈزلەشتۈرۈلدى، جاۋابكار دۆلەتقەدەم ئىسلامجان سوتتا ئىتراپ قىلدى، دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچى سوتتا بىكىتىلدى.

جاۋابكار دx مەن دەۋاگەر يەنى ئاxنى ئۆز ئانامدەك كۆرىمەن ھەم بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق باقىمەن، ئەگەر ئانام مىنىڭ بېقىشىمغا قوشۇلمىسا، دادامدىن قالغان مال مۈلۈكنى بۆلۈشىمەن دەپ ئەرزگە جاۋاب قايتۇردى.

جاۋابكار دx ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا تۆۋەندىكىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى:

1.كىملىك سالاھىيەت ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكار دx نىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقوق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. بېقىش-بېقىۋېلىش ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: تىزناپ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىشلار ئىشخانىسى 1993-يىلى 12- ئايدا ئىسلامجان ئارماننىڭ دxنى بېقىۋېلىشىغا قوشۇلغانلىقى ھەم تىزىمغا ئالغانلىقىنى، جۈمەجان ئارماننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دxنى ئاكىسى ئىسلامجان ئارماننىڭ بېقىۋېلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى 2 تۈرك دەلىل ئىسپات سوتتا يۈزلەشتۈرۈلدى، دەۋاگەر گx سوتتا ئىتراپ قىلدى، دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچى سوتتا بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىزنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە، دەۋاگەر گx بىلەن مىراس قالدۇرغۇچى ئىسلامجان ئارمان 1970-يىلى 11- ئايدا قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان بولۇپ، تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇزۇنغىچە بالىلىق بولالمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئىسلامجان ئارماننىڭ ئىنىسى جۈمەجان ئارماننىڭ دx ئىسىملىك ئوغلىنى بېقىۋالغان بولۇپ، ئىسلامجان ئارمان بىلەن دۆلەتقەدەم ئوتتۇرسىدا قانۇنلۇق بېقىش بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. 2013- يىلى 11- ئايدا ئىسلامجان ئارمان ۋاپات بولغاندىن كىيىن، دەۋاگەرگۇلشىكەر باتۇر بىلەن جاۋابكار دۆلەتقەدەم ئىسلامجان جىدەللىشىپ قېلىپ، دەۋاگەر گx ئاكىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن، ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ تۇرغان ھەمدە بېقىۋالغان ئوغلى دx بىلەن داۋاملىق بىللە ياشاشقا كۈزى يەتمەي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەھكىمىمىزگە ۋارىسلىق ھوقوقى دەۋاسى قىلغان.

يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە، دەۋاگەر گx بىلەن مىراس قالدۇرغۇچى ئىسلامجان ئارمان ھايات ۋاقتىدا ئورتاق بەرپا قىلغان مال مۈلۈكلەردىن 6ئېغىز ئۆي، 7ئېغىز قوتان، 3تۇياق كالا(بىر توپاق، ئىككى ئىنەك)، 16تۇياق قوي، 14تۇياق ئۆچكە،  220 كىلو بۇغداي، 400 كىلو پۇرچاق ۋە باشقا ئۆي سەرەمجانلىرى قاتارلىق مال مۈلۈكلەرنىڭ بارلىقى، 10مو  ئېتىز، 619 مو يايلاقىنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىدىن بەھىرلىنىدىغانلىقى، 0.2مو كىلىدىغان جىغانلىقنىڭ بارلىقى، بۇ مال مۈلۈكلەرنى تىزىملاشقا تىزناپ يېزىلىق خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپنىڭ قول قويۇپ بارماق باسقانلىقى، مىراس قالدۇرغۇچى ئىسلامجان ئارماننىڭ بانكا ياكى شەخىسلەرگە ھىچقانداق قەرزىنىڭ يوقلىقى، ئامانەت قويغان ياكى ساقلىغان پۇلىنىڭ يوقلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى، سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلار ۋە سوت خاتىرىسىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز تەرەپلەرنى بىر قانچە قېتىم مۇرەسسەگە يىتەكلىگەن بولسىمۇ، تەرەپلەر بىر بىرىگە يول قويماي مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: ئىسلامجان ئارمان 2013-يىلى 11- ئايدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ۋارىسلىرى ئۇنىڭ قانۇنلۇق مۈلىكىگە ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ. دەۋاگەر گxرنىڭ مىراسنى قانۇن بويىچە بۆلۈپ بەرسەڭلار دىگەن تەلىپىنىڭ ئاساسى بار، قوللاش كىرەك. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كىيىن، قانۇنى ۋارىسلىق بويىچە ئىش كۈرۈلىدۇ، ۋەسىيەت قىلىنغان بولسا ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق بويىچە ئىش كۈرۈلىدۇ. مىراس قالدۇرغۇچى ئىسلامجان ئارمان ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ھىچقانداق ۋەسىيەت قالدۇرمىغان، دەۋاگەر گx بىلەن جاۋابكار دx مىراس قالدۇرغۇچى ئىسلامجان ئارماننىڭ بىرىنجى رەتتىكى ۋارىسلىرى بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراس ئۈلۈشى تەڭ بولىشى كىرەك، ئىسلامجان ئارمان بىلەن گx قانۇنلۇق ئەر ئايال بولۇپ، ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تاپقان قانۇنلۇق مال مۈلىكىنىڭ يېرىمى گۈلxغا تەئەللۇق بولۇپ، قالغان يېرىمى ئىسلامجان ئارماننىڭ مىراسى قاتارىدا بۈلۈشكە تىگىشلىك، مىراسنى بۆلگەندە مىراس نەرسىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كىرەك، ھەمدە تۇرمۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ۋارىسلارغا مىراس بۆلگەندە ئىتبار بىرىلىشى كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋارىسلىق قانۇنى » نىڭ 5- ماددىسى، 13- ماددىسى، 26- ماددىسى، 29-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ 99- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى:

1. تاشقورغان ناھىيە تىزناپ يېزا تىزناپ كەنىت 2- گۇرۇپپا 100- نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ مىراس قالغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدىن ئەمىن ئۆي بىلەن ئەمىن ئۆيگە تۇتاش سېلىنغان ئاشخانا ئۆي جاۋابكار دxغا، گxرنىڭ ئەسلىدىكى 3 ئېغىز ئۆيىگە تۇتاش سېلىنغان يەنە بىر ئېغىز ئۆي(ئەمىن ئۆي تەرەپتىكى) دەۋاگەرگxغا تەئەللۇق بولىدۇ. 7ئېغىزلىق قوتاندىن مىراس قالغان 4ئېغىز قوتاننىڭ ئىچى تەرەپتىكى ئىككى ئېغىزى دەۋاگەر گxغا، سىرت تەرەپتىكى ئىككى ئېغىزى دxغا تەئەللۇق بولىدۇ.

2. ئىسلامجان ئارماندىن مىراس قالغان ئىككى ئىنەك كالىدىن بىرسى (موزىيى بىلەن) گxرغا، يەنە بىرسى(موزىيى بىلەن) دxغا تەئەللۇق بولىدۇ. 8 تۇياق قوي ۋە 7 تۇياق ئۆچكىدىن 4تۇياق قوي ۋە 4 تۇياق ئۆچكە گxغا، 4 تۇياق قوي ۋە 3تۇياق ئۆچكە دxغا تەئەللۇق بولىدۇ.

3. تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئوتلاق ۋە جىغانلىق تىزناپ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىلىدۇ.

4. ئۆي سەرەمجانلىرىنى بۆلۈشكە، تەرەپلەر تەڭ تەقسىملەشكە كىلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەھكىمىمىز بۇ كىلىشىمنىڭ كۈچىنى بىكىتتى.

5. مەزكۇر دېلونىڭ دەۋا ھەققى50 يۈەن بولۇپ، دەۋاگەرگx 25 يۈەننى، جاۋابكار دx 25 يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ. نارازىلىق ئەرزى بەرگەندە نارازىلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن 1 پارچە، قوشۇمچە نۇسخىسىدىن 2پارچە تاپشۇرۇشى كىرەك.

                              

                                     سوتچى شادىمان ئاخۇنباي

                                 2016 - يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى

                                      

                                       پۈتۈكچى ئابدۇغېنى مىجىت  

责任编辑:阿布都艾尼    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2023 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 5027555 位访客