添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3131 ھ د 127- نومۇرلۇق

作者:阿布都艾尼  2016-07-13 10:41:46


                        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى    

           تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                            ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                         (2016) ش 3131 ھ د 127- نومۇرلۇق

دەۋاگەر ئاx ، ئايال، ئۇيغۇر، 1972- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى تۇغۇلغان، شىنجاڭ يېڭىشەھەر  ناھىيسىدىن، كەسپى يەككە تىجارەتچى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.

دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى، شىنجاڭ جەۋلان ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى. (تولۇق ھوقوقلۇق).

جاۋابكار سەx، ئەر، تاجىك، 1947- يىلى1- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇغۇلغان، شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيسىدىن، پىنسىيە كادىرى، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.

مەھكىمىمىز دەۋاگەرئاx جاۋابكار سەx ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ئەل ئىچى قەرز ماجراسى دېلوسىنى 2016-يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن تەنھا سوتچى ئابدۇغېنى مىجىت ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ بۇ دېلونى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. دەۋاگەر ئاxنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى، جاۋابكار سەxلەر سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر ئاx مەھكىمىمىزگە جاۋابكار سەx قىزى شىكەرخان مەندىن قەرز ئالغان 110000(بىر يۈز ئون مىڭ)يۈەن قەرزنى ئۈستىگە ئېلىپ، 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۆز نامىدا ھۆججەت يېزىپ، بۇ 110000 (بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەندىن 40000 (قىرىق مىڭ) يۈەننى 2011-يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى بىرىدىغان، قالغان 70000 (يەتمىش مىڭ) يۈەننى 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە قايتۇرۇپ تۈگىتىدىغان بولغان ئىدى، لىكىن جاۋابكار بۇ 110000 (بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەندىن پەقەت   50000(ئەللىك مىڭ) يۈەننى قايتۇرۇپ، قالغان 60000(ئاتمىش مىڭ) يۈەننى ئاخىرقى مۇددەت توشسىمۇ قايتۇرمىدى، قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام سوتقا ئەرز قىلىشنى ئېيىتتى. شۇڭا مەن ئۈزەمنىڭ قانۇنى مال مۈلۈك ھوقوقۇمنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئەرزنى يازدىم. مەھكىمەڭلارنىڭ قانۇن بويىچە دەۋا تەلىپىمنى ئورۇنداپ بىرىشىڭلارنى، دەۋا جەريانىدىكى چىقىمنى جاۋابكار ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئەرز سۇندى.

دەۋاگەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا تۆۋەندىكىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

1. كىملىك سالاھىيەت ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: دەۋاگەرنىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقوق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى جاۋابكارنىڭ دەۋاگەر ئاxغا يېزىپ بەرگەن ئاساسى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكار سەx 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۆز قولى بىلەن دەۋاگەر ئاxغا يېزىپ بەرگەن ئاساس بولۇپ، بۇ جاۋابكار سەxنىڭ دەۋاگەر ئاxغا 110000 (بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەن قەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ق ھ ن ئا 7- نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى. بۇ دەلىل ئىسپات جاۋابكار ئىزچىل تەشەببۇس قىلىۋاتقان جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخاننىڭ 98800(توقسان سەككىزمىڭ سەككىز يۈز) يۈەن قەرزىنىڭ مەزكۇر دەۋادىكى 110000 (بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەننىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن جاۋابكار 50000 (ئەللىك مىڭ) يۈەن قەرزنى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى يەنە 60000 (ئاتمىش مىڭ) يۈەن قەرزنىڭ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئۈچ تۈرلۇك دەلىل ئىسپات سوتتا يۈزلەشتۈرۈلدى، جاۋابكار 1-، 2- تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتنى ئىتراپ قىلدى، دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچى سوتتا بىكىتىلدى. 3- تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتنى جاۋابكار ئادىل بولمىغان دىگەن سەۋەپ بىلەن ئىسپاتلاش نىشانىنى ئىتراپ قىلمىدى.

جاۋابكار سەx مىنىڭ دەۋاگەر ئايىگۇل پازىلغا 60000(ئاتمىش مىڭ يۈەن) قەرز بىرىشىم يوق، بەلكى دەۋاگەر ماڭا ئارتۇق ئېلىۋالغان 52000(ئەللىك ئىككى مىڭ )يۈەننى قايتۇرسۇن دەپ ئەرزگە جاۋاب قايتۇردى.

جاۋابكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا تۆۋەندىكىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

1. كىملىك سالاھىيەت ئىسپاتى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكارنىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقوق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. 4 پارچە قەرز ھۆججىتى.

(1) 2010- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخان ئايىگۇل پازىلغا يېزىپ بەرگەن 98800 (توقسان سەككىزمىڭ سەككىز يۈز) يۈەننىڭ قەرز ھۆججىتى، ئىسپاتلاش نىشانى: بۇ98800 (توقسان سەككىزمىڭ سەككىز يۈز) يۈەن مەزكۇر دەۋادىكى 110000(بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەننىڭ ئىچىدە بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.  

(2) 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى دەۋاگەر ئاxنىڭ جاۋابكارغا يېزىپ بەرگەن ئاساسى، ئىسپاتلاش نىشانى: بۇ 98800 (توقسان سەككىزمىڭ سەككىز يۈز) يۈەن مەزكۇر دەۋادىكى 110000 (بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەننىڭ ئىچىدە بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.  

(3) 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى دەۋاگەرنىڭ سىڭلىسى تۇرسۇنگۇل پازىلنىڭ دەۋاگەر ئاxغا ۋاكالىتەن جاۋابكارغا يېزىپ بەرگەن ھۆججىتى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكار سەx دەۋاگەر ئايىگۇل پازىلغا بىرىشكە تىگىشلىك بولغان 110000(بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەندىن 50000 (ئەللىك مىڭ) يۈەننى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

(4) 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخان دەۋاگەر ئاxغا يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججىتى. ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخان سەپەرئەلىنىڭ دەۋاگەر ئاxدىن 46830يۈەن قەرز ئالغانلىقىنى، دەۋاگەر مۇشۇ 46830يۈەنگە يەنە بىر ھۆججەتتىكى 98800 يۈەننى قوشۇپ 145630 يۈەنگە دەۋا قىلغانلىقىنى، جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخاننىڭ بۇ 145630 يۈەننى تاشقورغان ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى، بۇ 145630يۈەننىڭ ئىچىدە مەزكۇر دېلودىكى 110000يۈەننىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.  

يۇقارقى ئىككى تۈرلۇك دەلىل ئىسپات سوتتا يۈزلەشتۈرۈلدى، دەۋاگەرنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇرېيىم غازى كىملىك سالاھىيەت ئىسپاتىدىن باشقا دەلىل ئىسپاتنى سوتتا ئىتراپ قىلمىدى.

مەھكىمىمىزنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار سەx 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى قىزى شىكەرخان سەپەرئەلىنىڭ دەۋاگەر ئاxغا بىرىشكە تىگىشلىك بولغان 110000(بىر يۈز ئون مىڭ)يۈەن قەرزىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ پۇلدىن 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى 40000 (قىرىق مىڭ) مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ، قالغان 70000 (يەتمىش مىڭ ) يۈەننى 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى قايتۇرۇپ بولۇش توغۇرلۇق ئاساس يېزىپ بەرگەنلىكى، ھەمدە بۇ پۇلدىن 50000 (ئەللىك مىڭ) يۈەننى 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بولغانلىقى، قالغان 60000 (ئاتمىش مىڭ) يۈەن قەرزنى تېخى قايتۇرمىغانلىقى، دەۋاگەر قەرزنىڭ مۆھلىتى توشقاندا، جاۋابكاردىن 60000 (ئاتمىش مىڭ) يۈەننى قايتۇرۇش توغرىسىدا سۈيلىگەن بولسىمۇ، جاۋابكار سەx قەرزنى قايتۇرۇپ بىرىپ بولغان دىگەننى باھانە قىلىپ بۇ قەرزنى قايتۇرغىلى ئۇنىمىغانلىقى سوت تەكشۈرۈشىدە ئېنىقلاندى.

يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە، جاۋابكار سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى (2015) ق ھ ن ئا 7- نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى ئارقىلىق مەزكۇر دېلودىكى دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخان سەپەرئەلىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى ئايرىم قەرز دېلوسىنىڭ پاكىتلىرىنى بىكىتكەن دەلىل ئىسپاتلار بولۇپ، مەزكۇر دېلودىكى 110000يۈەن پۇلنى جاۋاپكار دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بولغانلىقىغا ئائىت ھىچقانداق ئۇچۇرياكى پاكىت يوقلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ق ھ ن ئا 7- نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى ئاللىقاچان كۈچكە ئىگە بولۇپ، تاشقورغان ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى، سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلار ۋە سوت خاتىرىسىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. جاۋابكار سەx 2011-يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى دەۋاگەر ئاxغا 110000(بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەن قەرزنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئاساس يېزىپ بەرگەن، بۇ ئاساس دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ ھەقىقى مەخسەت ئىپادىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ قانۇنلۇق ھەقدارلىق قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەمدە جاۋابكار بۇ   110000(بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەندىن 50000 (ئەللىك مىڭ) يۈەننى دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بولغان، جاۋابكار سوتتا بۇ ئاساسنى ئىتراپ قىلدى، ھەمدە بۇ دەلىل ئىسپاتنىڭ كۈچى سوتتا بىكىتلدى، جاۋابكار سەx سوتتا 4 پارچە ھۆججەت ئارقىلىق بۇ 60000 (ئاتمىش مىڭ ) يۈەن قەرزنى قايتۇرۇپ بولغان دىگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لىكىن كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلىرىنىڭ ھەممىسى دەۋاگەر ئاx بىلەن جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخان سەپەرئەلىنىڭ ئىلگىرىكى قەرز ماجراسى دېلوسىدا بىكىتىلىپ بولغان دەلىل ئىسپاتلار بولۇپ، بۇ دەۋادىكى 110000(بىر يۈز ئون مىڭ) يۈەن قەرزنى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇپ بولدۇم دىگەن تەشەببۇسىنىڭ قانۇنى ئاساسى بولالمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دەۋاگەر سوتتا كۆرسەتكەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ق ھ ن ئا 7- نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىدىن دەۋاگەر تەلەپ قىلىۋاتقان 60000(ئاتمىش مىڭ ) يۈەن قەرز جاۋابكارنىڭ قىزى شىكەرخان سەپەرئەلىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى باشقا دېلودىكى دەۋاگەر بىلەن بولغان قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىدىن باشقا ئايرىم مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى، ئىلگىرىكى دېلودا بىكىتكەن پاكىتلاردىن باشقا ئايرىم پاكىت ئىكەنلىكىنى بىكىتىشكە بولىدۇ. دەۋاگەرنىڭ سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلىرى قانۇنلۇق ۋە يىتەرلىك بولۇپ دەۋا تەلىپىنى قوللاشنىڭ يىتەرلىك ئاساسى بولالايدۇ، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنىڭ قانۇنى ۋە پاكىت ئاساسى بار، قوللاشقا تىگىشلىك ، جاۋابكار سوتتا ئۆزىنىڭ دەۋاگەرگە 60000(ئاتمىش مىڭ) يۈەن قەرزنى قايتۇرۇپ بولغان دىگەن تەشەببۇسىنىڭ قانۇنى ۋە پاكىت ئاساسى يوق، دەۋاگەرگە قايتۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان 60000(ئاتمىش مىڭ ) يۈەن قەرزنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى»نىڭ 90- ماددىسى، 108- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى »نىڭ 206- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى:

1. جاۋابكار سەx دەۋاگەر ئاxدىن قەرز ئېلىپ قايتۇرماي قالغان 60000 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر ئاي ئىچىدە دەۋاگەرگە قايتۇرسۇن.

ئەگەر جاۋابكار بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 253- ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، كىچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۈسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.

2. مەزكۇر دېلونىڭ كېمەيتىلگەندىن كىيىنكى دەۋا ھەققى 650 يۈەن بولۇپ بۇنى جاۋابكار سەx ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ. نارازىلىق ئەرزى بەرگەندە نارازىلىق ئەرزنىڭ ئەسلىسىدىن بىر نۇسخا،  قوشۇمچىسىدىن 2 نۇسخا تاپشۇرۇشى كىرەك.

                          

                                 سوتچى ئابدۇغېنى مىجىت

                             2016 - يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى

                               پۈتۈكچى شىرۋارى شەكەربەيىگ

责任编辑:阿布都艾尼    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2022 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 4494376 位访客