添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3131 ھ د 151- نۇمۇرلۇق

作者:买布甫沙·巴巴汗  2016-09-07 18:20:53


                        شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنوم رايۇنى

          تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                            ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                           (2016) ش 3131 ھ د 151- نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر جxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان،  مەخسۇس كورس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تاشقورغان ناھيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋابكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1974-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، مەخسۇس كورس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تاشقورغان ناھيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق.

دەۋاگەر ج xx بىلەن جاۋابكار م xx ئوتتۇرىسىدىكى ئەلئارا قەرىز ماجىراسى دېلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ، تەنھا سوتچى مەبۇپشاھ باباخان بو دېلونى ئوچۇق سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى، دەۋاگەر ج xx بىلەن جاۋابكار م xx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر ج xx ئەرزىدە تاشقورغان ناھيىلىك سەھىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان م xx مەندىن 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى 310000يۈەن، 2015- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى 16500 يۈەن قەرز ئالغان،  قەرز ئالغاندا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن، 2016-يىلى 3- ئاينىڭ 15-كۈنى مxx نىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بانكا كارتىسىغا 2000يۈەن ئۇرۇپ بەرگەن، پۇل ئۇرغانلىق تالونىمۇ بار. ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جەمىئىي328500يۈەن قەرز ئالغان، بۇ پۇلنى 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە قايتۇرۇپ بىرىدىغان بولۇپ كىلىشكەن، لىكىن تا ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسى بۇ پۇلۇمنى ئېلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئەرىز قىلغان.

جاۋابكار م xx جاۋابىدا 1. بۇ پۇل ئەسلى جxxنىڭ ئەمەس، جxx دەپتەر يېزا پەيىك ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سxxنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ 200000يۈەن پۇل قەرز بىرىشنى دىيىشىپ بىرىپ مەن قەرز ئالدىم، بۇنىڭ بەدىلىگە يىللىقى 50مىڭ يۈەن پايدا ئايرىپ بىرىدىغان بولۇپ 250مىڭ يۈەنگە ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. 2015- يىلى5- ئايدا يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولۇپ 50مىڭ يۈەن جەرىللادىن سوراپ يەنە قەرز ئالدىم، بۇ ئالدىنقى 250مىڭ يۈەننىڭ پايدىسى50مىڭ يۈەن بىلەن  50مىڭ يۈەننىڭ ئۆسۈمى 12500يۈەن قوشۇلۇپ 62500يۈەنگە ھۆججەت يېزىپ بەردىم، ئاندىن يەنە جxxدىن16500يۈەن پۇل قەرز ئېلىپ تۇردۇم، كىيىن 2000يۈەن پۇلنى بالامنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئايالىم ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا جxx ئايالىمغا سىلىپ بەرگەن.  2. ھۆججەتنىڭ جxxنىڭ نامىدا يېزىلىپ قىلىشدىكى سەۋەب، 2016- يىلى 3- ئايدا جxx ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم قوغۇشلۇق يېزا 1- كەنتكە ئىزدەپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ سxxكە 150مىڭ يۈەن نەق پۇل بىرىۋەتكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ، ھۆججەتنى ئۆزىگە قارىتا يېزىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ بۇرۇنقى ھۆججەتنى كۆز ئالدىمدا كۆيدۈرۋەتتى، شۇڭا مەن بۇ ھۆججەتنى جxxغا يېزىپ بەرگەن.  3. 2016- يىلى 2- ئايدا تاشقورغان يېزا ئىگىلىك بانكاسىدىن  مەن سxxكە 7700يۈەن پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەن، مۇشۇ پۇلنى ئومومىي ھىساۋاتتىن ئېلىۋىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

4.  مەن بۇ پۇلنى ئالغىنىم راست، ھۆججەتنى ئېتىراپ قىلىمەن، بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ بىرىمەن، سوت مەھكىمىسىنىڭ مىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمنى كۆزدە تۇرۇپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە: دەۋاگەر ج xx، جاۋابكار م xxغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمئى 328500 يۈەن نەخ پۇل بەرگەنلىكى، ھەمدە بۇ توغرۇلۇق ھۆججەت بارلىقى، جاۋابكار م xx مەزكۇر قەرزنى ئىتىراپ قىلىپ، قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقى،  جاۋابكار م xx ئوتتۇرىغا قويغان سxxنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 7700يۈەن مەزكۇر دېلو بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ ئايرىم دەۋا قىلىش كىرەكلىكى، مەھكىمىمىز تەرەپلەرنى مورەسسەگە بىر قانچە قىتىم يىتەكلىگەن بولسىمۇ قەرز قايتۇرش مۆھلەت مەسىلىسىدە مۇرەسسىگە كىلەلمىگەنلىكى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار.

1.دەۋاگەر كۆرسەتكەن قەرىز ھۆججىتى ۋە يىزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت ماشىنىسىنىڭ خىرىدارلار ئۇقتۇرۇشنامىسى.  بۇ جاۋابكار مxxنىڭ دەۋاگەر ج xxتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 310000 يۈەن ۋە 16500 يۈەن قەرز ئىلىپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەنلىكىنى ۋە يىزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت ماشىنىسى ئارقىلق 2000 يۈەن پۇلنى جاۋابكار مxxنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مxxنىڭ ئايالىنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى پاكىتلار تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى، سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتلار ۋە سوت خاتىرىسىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بىكىتىلدى.

يۇقارقى تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن مەھكىمىمىز مونداق دەپ قارىدى: دەۋاگەر ج xx، جاۋابكار م xxغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمئى 328500 يۈەن نەخ پۇل بەرگەن، ھەمدە بۇ توغرۇلۇق جاۋابكار م xx قەرز ھۆججىتى ھۆججەت يىزىپ بەرگەن، سوتتىمۇ جاۋابكار م xx مەزكۇر قەرزنى ئىتىراپ قىلىپ، قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقى ئىيتتى، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسى يىتەرلىك، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللاشقا بۇلىدۇ، جاۋابكار م xx ئوتتۇرىغا قويغان سابىرجاننىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 7700يۈەن مەزكۇر دېلو بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئايرىم دەۋا قىلىشقا تىگىشلىك، لىكىن پۇل قايتۇرۇش مۆھلەت مەسىلىسىدە، جاۋابكار م xx ئوتتۇرىغا قويغان «مىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىم ھازىر ناچار، ماڭا ۋاقىت بەرسەڭلەر، مەزكۇر پۇلنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىرىپ تۈگەتسەم» دىگەن پىكىرىنى قوللاشقا بولدۇ، دەپ قاراپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومي قائىدىسى››نىڭ 90-108- ماددىلىرى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى›› نىڭ 60- ماددىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ‹‹ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› نىڭ 99 -ماددىسىدىكى   بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم چىقىرىلدى.

1. جاۋابكار م xx، دەۋاگەر ج xxتىن قەرىز ئالغان پۇل 328500 يۈەننى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسۇن. يەنى 2016-يىلى10-ئاينىڭ 1-كۈنى 100000 (يۈز مىڭ) يۈەن، 2016–يىلى11-ئاينىڭ 1-كۈنى 100000 (يۈز مىڭ) يۈەن، 2016-يىلى12-ئاينىڭ 20-كۈنى 128500 (بىر يۈز يىگىرمە سەككىز مىڭ بەش يۈز) يۈەن.

ئەگەر جاۋابكار بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ‹‹ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› نىڭ 253 - ماددىسىدىكى   بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن ئادا قىلىشنى كىچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.

2. مەزكۈر دېلونىڭ كىمەيتىلگەندىن كىيىنكى دەۋا ھەققى1556.88يۈەننى جاۋابكار م xx ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىسۇن.

ئەگەر تەرەپلەر بۇ ھۆكۈمنامىگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ، نارازلىق ئەرز بەرگەندە نارازلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن 1پارچە قۇشۇمچە نۇسخىسىدىن 3پارچە تاپشۇرۇشى كىرەك

                      

                          سوتچى  مەبۇپشاھ باباخان

                           2016-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈنى

                             پۈتۈكچى  ھوشۇر ساۋۇر

责任编辑:阿布都艾尼    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2022 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 4494329 位访客