添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 维文裁判文书 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3131 ھ د 215- نومۇرلۇق

作者:木尔扎依克  2016-11-12 17:42:52


                       شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايۇنى

         تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

                           ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                             (2016) ش 3131 ھ د 215- نومۇرلۇق

دەۋاگەر موXX، ئەر، تاجىك، 1966- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇغۇلغان، تاشقورغان ناھيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تىخنىكۈم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تاشقورغان ناھيە سەھيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، كىملىك نومۇرى:

جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئويغۇر، تاشقورغان ناھيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، قۇرۇلۇشچى.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر موXX بىلەن جاۋابكار ئەXX ئوتتۇرىسىدىكى ئەل ئارا پۇل قەرز ماجىراسى دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، تەنھا سوتچى مىرزايىك ئۆمەرجان بو دېلوغا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ، ئۇچۇق سوتلاپ ئاخىرلاشتۈرۈلدى، دەۋاگەر موXX بىلەن جاۋابكار ئەXX سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بو دېلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتۈرۈلدى.

دەۋاگەر موXX مەھكىمىمىزگە سونغان ئەرز خىتىدە؛ جاۋابكار ئەXX مەندىن قەرز ئالغان 65500يوەنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپ بەرسە ھەم مەزكۈر دېلونىڭ دەۋا ھەققىنى ئۆستىگە ئىلىپ تۆلىسە.پاكىت ئاساسىم؛ مەن 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جاۋابكار ئەXXگە 36000يوەن قەرز بەردىم، 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى 29500يوەن قەرز بەردىم، نۇرغۇن قىتىم سۈيلىگەن بولساممۇ جاۋابكار ئۇرۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن بو پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرمىدى، شوڭا  سوت مەھكىمىسى جاۋابكاردىن يۇقارقى جەمئىي پۇل 65500يوەننى ئۆسۈمى بىلەن ئىلىپ بەرسە دەپ ئەرز سوندى.

جاۋابكار ئەXX ئەرزگە جاۋاب خىتىدە؛ مەزمۇنى 36000يوەنلىك قەرز ھۆججىتىنى يازغانلىقىم راست، لىكىن مەن 36000يوەننى ئالمىغان، ئىتراپ قىلمايمەن، 29500يوەننى ئىتراپ قىلىمەن، دەۋاگەر مىنىڭ كارىمغا ئۇرۇپ بەرگەن، پۇلنىڭ ئۈسۈمىنى دىيىشمىگەن، شوڭا ئۈسۈمىنى ئىتراپ قىلمايمەن دەپ ئەرزگە جاۋاب قايتۇردى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە؛ جاۋابكار ئەXX ماشىنا ئىلىشقا پۇل يەتمىدى، ماڭا ئازراق پۇل بىرىپ تۇرساڭ دەپ دەۋاگەردىن پۇل سوراپ، دەۋاگەر موXX بىلەن جاۋابكار ئەXX تىلفوندا دىيىشىش ئارقىلىق دەۋاگەر موXX جاۋابكار ئەXXگە پۇل قەرز بىرىشقا قۇشۇلغانلىقى، 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جاۋابكار ئەXX دەۋاگەر موXXنىڭ قەشقەر شەھەرلىك تاڭنورى ئۇلتۇراق رايۇنىدىكى ئۆيىگە بارغانلىقى، ھەم دەۋاگەرگە 36000يوەنلىك قەرز ھۇججىتى يىزىپ بەرگەنلىكى، 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى دەۋاگەر موXX جاۋابكارنىڭ بانكا كارتىسىغا 29500يوەن ئۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىنىقلاندى، شۇنداقلا دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانىدا « 36000 يوەننى جاۋابكارغا قەرز بىرىدىغان چاغدا 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 2- 3- كۈنلىرى تاشقورغان ناھيىسىدە ئۆزەمنىڭ 6228483660666957319 نومۇرلۇق يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن  ئىلىپ قەشقەرگە چۈشۈپ، ئۈيۈمدە جاۋابكارغا بەردىم» دىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دەۋاگەرنىڭ بانكا كارتىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئارىلىقتا دەۋاگەرنىڭ بانكا كارتىسىدىن بۇنداق چۇڭ سومىلىق پۇلنىڭ چىقمىغانلىقى، دەۋاگەرنىڭ جاۋابكارغا قەرز بەردىم دىگەن پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئىنىق دەپ بىرەلمەيدىغانلىقى ئىنىقلاندى، جاۋابكارنىڭ سوتتىكى بايانىدا ئوتتۇرىغا قويغان « مەن دەۋاگەرنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن دەۋاگەر ماڭا ئالدى بىلەن ھۆججەت يىزىپ بەر، مەن ساڭا 36000يوەن قەرز بىرىمەن دىدى، مەن ھۆججەتنى يازغاندىن كىيىن دەۋاگەر بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى، مەن پۇلنى ئەتە بانكىدىن كارتاڭغا ئۇرۇپ بىرىمەن دىدى، ئەتىسى بانكا كارتامغا 29500يوەن ئۇرۇپتۇ، پۇلنى نىمىشقا تۇلۇق ئۇرمايسەن دىسەم، قالغان پۇلنى مەن ساڭا تاشقورغاندا قۇرۇلۇش ئىلىپ بىرىمەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭشىلىپ كىتىدۇ دەپ ئەمەلىيەتتە ماڭا 36000يوەن بەرمىدى، مەن دەۋاگەرگە ئىشىنىپ ھۆججتىمنىمۇ دەۋاگەردىن ئالمىغان، شۇ چاغدا دەۋاگەرنىڭ ئايالىمۇ نەق مەيداندا بار ئىدى» دىدى، دەۋاگەرنىڭ ئايالى گول تۇكىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدە، «يۇلدۇشۇم بىلەن ئەXXنىڭ قەرز ئىلىم- بىرىم ئىشىدىن تۇلۇق خەۋىرىم بار،  2012- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى بىز ئۇرۇق تۈققانلاردىن 30مىڭ يوەن ئىلىپ، ئۇنىڭدىن 500يوەننى مەن قەشقەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىلىپ قىلىپ، قالغان 29500يوەننى ئەXXنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن، كىيىن يۇلدۇشۇم قەشقەردىكى مەمەتئىمىن دىگەن ئادەمدىن 30000يوەن قەرز ئىلىپ، ئۇنىڭغا يىنىمىزدىن 6000يوەننى قىتىپ جاۋابكارغا قەرز بەردۇق، 36000يوەننى 29500يوەندىن كىيىن بەرگەن ئىدۇق، 36000يوەننى ئۆيدە تەييارلىغان چاغدا مەن بار ئىدىم، لىكىن جاۋابكارغا بىرىدىغان چاغدا مەن ئۆيدە يۇق ئىدىم» دىدى، يۇقارقى بايانلاردىن دەۋاگەر موXX بىلەن ئۇنىڭ ئايالى گول تۇكىكنىڭ جاۋابكارغا قەرز بەرگەن 36000يوەننىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە قەرز بەرگەن ۋاقىتقا قارىتا ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىنىڭ ئۇخشىمايدىغانلىقى، دەۋاگەر 36000يوەننى بانكا كارتامدىن ئىلىپ جاۋابكارغا بەرگەن دىسە، ئۇنىڭ ئايالى قەشقەردىكى مەمەتئىمىن دىگەن ئادەمدىن 30000يوەننى ئىلىپ يىنىمىزدىن 6000يوەننى قىتىپ جەمئي 36000يوەن قەرز بەرگەن دىگەن گىپىنىڭ ئۇخشىمايدىغانلىقى ئىنىقلاندى. جاۋابكار ئەXXنىڭ دەۋاگەردىن 29500يوەننى قەرز ئالغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدىغانلىقى، لىكىن36000يوەننى ئەمەلىيەتتە ھۆججەت يىزىپ بەرگەن بولساممۇ دەۋاگەر ماڭا پۇل بەرمىگەن دەپ، ئىتراپ قىلمايدىغانلىقى ئىنىقلاندى، تەرەپلەرنىڭ قەرز ئۈسۈمىنى دىيىشمىگەنلىكى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:

1.دەۋاگەر موXX كۆرسەتكەن، جاۋابكار ئەXX يىزىپ بەرگەن 36000يوەن قەرز ئالغانلىق تۇغرىسىدىكى ھۆججىتى.

2.دەۋاگەر موXXنىڭ جاۋابكارنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 29500يوەنلىك پۇل ئۇرغانلىق تالۇنى.

3.جاۋابكارنىڭ دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى گول تۇكىك، خودامان خانەكنىڭ بانكا كارتىسىغا پۇل ئۇرۇپ بەرگەنلىك تۇغرىسىدىكى 11پارچە پۇل ئۇرغانلىق تالۇنى.

4.تەرەپلەرنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغان، تاشقورغان ناھيىلىك يىزا ئىگىلىك بانكىسىدىن چىقىرىلغان، دەۋاگەرنىڭ 6228483660666957319نومۇرلۇق كارتىسىنىڭ 2012- يىلى 3- ئايدىكى ھىساۋات تەپسىلاتى.

5.مەھكىمىمىزنىڭ دەۋاگەرنىڭ ئايالى گول تۇكىك بىلەن ئىلىپ بىرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى.

يۇقارقى ئىسپاتلاردىن دەۋاگەر موXXنىڭ جاۋابكار ئەXXنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 29500يوەنلىك تالۇننىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، جاۋابكار تەرەپنىڭ باشقىچە پىكىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دېلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز قۇللايدۇ.

جاۋابكار كۆرسەتكەن، 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 4- كۈنى موXXنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 4000يوەننىڭ تالۇنى، 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى خودامان خانەكنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 2000يوەننىڭ تالۇنى، 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى گول تۇكىكنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 6000يوەننىڭ تالۇنى، 2016- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى گول تۇكىكنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 6000يوەننىڭ تالۇنى، ۋە ئاپتۇماتىك پۇل ئۇرۇش ماسىنىسىدىن پۇل ئۇرغان، ئۆستىدىكى كارتا نۇمۇرى ۋە پۇل سومىسىنى پەرق ئەتكىلى بولىدىغان مولاتۇختىنىڭ 6228483660666957319 نومۇرلۇق كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 1900يوەننىڭ تالۇنى، 100يوەننىڭ تالۇنى، گۇل تۇكىكنىڭ 6228483668312698773 نومۇرلۇق بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن 900يوەننىڭ تالۇنى، 100يوەننىڭ تالۇنىنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، ھەم دەۋاگەر تەرەپ ئىتراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن دېلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ، مەھكىمىمىز قۇللايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەرەپلەر ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان دەۋاگەر تەرەپنىڭ قەشقەردىكى مەلوم بىر تۇيۇنخانىدىن جاۋابكارنىڭ نامىدا ئالغان 2000يوەننى دەۋاگەر تەرەپ ئىتراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مەھكىمىمىز قوللايدۇ.

دەۋاگەر تەرەپ كۆرسەتكەن 36000يوەنلىك قەرز ھۆججىتىنى جاۋابكار يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن دەۋاگەر بىلەن ئايالىنىڭ بۇ پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە قەرز بەرگەن ۋاقتىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرىنىڭ ئۇخشاش بولمىغانلىقى، دەۋاگەر بو پۇلنى بانكا كارتامدىن ئىلىپ جاۋابكارغا قەرز بەردىم دىگەن بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە دەۋاگەرنىڭ بانكا كارتىسىدىن بۇنچىلىك پۇل چىقمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر ھۆججەتنى مەھكىمىمىز ئىتراپ قىلمايدۇ.

     جاۋابكار كۆرسەتكەن ئاپتۇماتىك ماشىنىسىدىن پۇل ئۇرغانلىق تۇغرىسىدىكى ئۇچ پارچە تالوننىڭ ئۆستىدىكى سانلارنى پەرق ئەتكىلى بولمىغانلىقى ھەم جاۋابكارمۇ پۇل ئۇرغان ۋاقىت، ئۇرغان پۇل سانىنى ئىنىق دەپ بىرەلمىگەنلىكى، ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئۇچۈن بو ئۇچ پارچە تالۇننى مەھكىمىمىز ئىتراپ قىلمايدۇ.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۇپ ئىنىقلىغان دەۋاگەرنىڭ يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىنىڭ 2012-يىلى 3- ئايلىق ھىساۋات تەپسىلاتى، بۇنىڭدا دەۋاگەرنىڭ دىگىنى بويىچە 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا دەۋاگەرنىڭ كارتىسىدىن 36مىڭ يوەن پۇل ئالمىغانلىقى ئىنىقلاندى.

مەھكىمىمىزنىڭ گول تۇكىك بىلەن ئىلىپ بىرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىدا، گەرچە ئەر- خوتۇن ئىكىسى جاۋابكارغا پۇل قەرز بىرىدىغان ئىشنى مەسلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، ھەم گول تۇكىك بو ئىشتىن باشتىن ئاخىر خەۋەردار بولسىمۇ، لىكىن 36مىڭ يوەننىڭ كىلىش مەنبەسىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ئىنىقلاندى.

يۇقارقىلارغا ئاساسەن مەھكىمىمىز مونداق دەپ قارىدى:  دەۋاگەرنىڭ قۇلىدا 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جاۋابكارغا 36000يوەن قەرز بەرگەنلىك تۇغرىسىدىكى قەرز ھۆججىتى بولىسمۇ، لىكىن دەۋاگەر سوتتا باشتىن ئاخىر «بۇ پۇلنى تاشقورغان ناھيىسىدە يىزا ئىگىلىك بانكا كارتامدىن نەخ پۇل ئىلىپ، قەشقەرگە چۈشۈپ ئۈيۈمدە جاۋابكارغا بەردىم» دىگەن گىپى بىلەن، سوتىمىز دەۋاگەرنىڭ بانكا كارتىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنىقلىغان،  دەۋاگەرنىڭ دىگەن ۋاقتىدا بانكا كارتىسىدىن بونداق چۇڭ سومىلىق پۇلنىڭ چىقمىغانلىقى، دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى جاۋابكارغا 36000يوەن قەرز بىرىش ئىشىنى ئالدىن مەسلىھەتلەشكەن تۇرۇپ، مەزكۈر 36000يوەننىڭ كىلىش مەنبەسىگە قارىتا ئىككى خىل پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيىشى، دەۋاگەرنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دەۋاگەرنىڭ نورمال موناسىۋەتتكى بىر ئادەمگە بۈگۈن 36000يوەن قەرز بىرىپ، قارشى تەرەپ قەرزنى قايتۇرماي تۇرۇپ، ئەتىسى يەنە 29500يوەن قەرز بىرىشى نۇرمال ئىلىم- بىرىم قائىدىسىگە ئويغۇن ئەمەس، بۇنىڭدىن دەۋاگەرنىڭ ئەمەلىيەتتە جاۋابكاردىن قەرز ھۆججتىنى ئالغان بولسىمۇ، پۇلىنى ئەتە بانكا كارتاڭغا ئۇرۇپ بىرىمەن دەپ، شۇ كۈنى جاۋابكارغا نەخ پۇل بەرمىگەنلىكى، ئەتىسى جاۋابكارنىڭ بانكا كارتىسىغا 29500يوەن ئۇرغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تەكشۈرۇش ئارقىلىق 36000يوەنلىك دەلىل- ئىسپاتنىڭ راستلىقى ئىنىقلانمىدى. جاۋابكارنىڭ دەۋاگەرگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك ئاغىنىدارچىلىق يۈزىسىدىن دەۋاگەرگە ئالدىن قەرز ھۆججتى يىزىپ بەرگەن، ھەم كىيىنمۇ دەۋاگەر 29500يوەننى كارتامغا ئۇرۇپ، قالغان پۇلغا ساڭا تاشقورغاندا قۇرۇلۇش ئۇقۇشۇپ بىرىمەن دىگەن گىپىگە ئىشىنىپتىمەن،  دىگەن گىپىنىڭ ئاساسى بار، قۇلاشقا بولىدۇ. دەۋاگەر ئەمەلىيەتتە جاۋابكارنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن ئەمىلى پۇل 29500يوەن بولۇپ بۇنى ئىتراپ قىلىشقا بولىدۇ، 36000يوەنلىك قەرز ھۆججىتى بولسىمۇ لىكىن جاۋابكارغا ئەمىلى پۇل بەرمىگەن، بۇنى ئىتراپ قىلىشقا بولمايدۇ. جاۋابكارنىڭ دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ تۈققانلىرىنىڭ بانكا كارتىسىغا پۇل ئۇرۇپ، قايتۇرۇپ بولغان پۇل 21000يوەن بىلەن دەۋاگەرنىڭ تۇيۇنخانىدىن جاۋابكارنىڭ نامىدا ئالغان 2000يوەننى دەۋاگەرمۇ ئىتراپ قىلغانلىقى، ھەم پۇل ئۇرغانلىق تالۇنلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىتراپ قىلىشقا بولىدۇ، جاۋابكار كۆرسەتكەن ئاپتۇماتىك ماشىنىسىدىن پۇل ئۇرغانلىق تۇغرىسىدىكى ئۇچ پارچە تالوننىڭ ئۆستىدىكى سانلارنى پەرق ئەتكىلى بولمىغانلىقى ھەم جاۋابكارمۇ بۇنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئۇچۈن بو ئۇچ پارچە تالۇننى مەھكىمىمىز ئىتراپ قىلمايدۇ. تەرەپلەر قەرز ئۆسۈمىنى دىيىشمىگەنلىكى ئۈچۈن دەۋاگەرنىڭ قەرز ئۈسۈمى تۆلەپ بەرسون دىگەن پىكىرىنى قۇلاشقا بولمايدۇ دەپ قارىدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇم قائىدىسى»نىڭ 90- ماددىسى،  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇختام قانۇنى»نىڭ 210-، 211- ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەلىل ئىسپاتلىرىغا ئائىت بىرقانچە بەلگىلىمىسى» نىڭ 2- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 63- ماددىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تارمىقى، 64-، 75-، 99- ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1.جاۋابكار ئەXX موXXدىن قەرز ئالغان 29500يوەندىن قايتۇرۇلماي قالغان 6500يوەننى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە قايتۇرۇپ بەرسون.

2.دەۋاگەرنىڭ 36000يوەننى قايتۇرۇپ بەرسون دىگەن دەۋا تەلىۋى ۋە قەرز ئۈسۈمى تۆلەپ بەرسون دىگەن دەۋا تەلىۋى رەت قىلىندى.

3.مەزكۈر دېلونىڭ كىمەيتىلگەندىن كىيىنكى دەۋا ھەققى 359.75 يوەننى دەۋاگەر ئۆستىگە ئىلىپ تۆلەيدۇ.

تەرەپلەر مەزكۈر ھۆكۈمنامىگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ، نارازلىق ئەرز بەرگەندە، مەھكىمىمىزگە نارازلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن 1پارچە، كۆپەيتىلمە نۇسخىسىدىن 3پارچە تاپشۇرۇشى كىرەك.

                    سوتچى مىرزايىك ئۆمەرجان

                    2016- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى

                    پۈتۈكچى ئابدۇۋاسىت سالىباي

责任编辑:阿布都艾尼    

文章出处:塔什库尔干县人民法院    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆塔什库尔干塔吉克自治县法院网
关闭窗口
地址:新疆塔什库尔干县墓士塔格路136号   邮编:845250  

Copyright© 2022 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 4494452 位访客